ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
ئەڭ زور ئەخمەقلىق (ھاماقەتلىك) ـــ باشقىلارنى ئالداشتۇر.
كۆرۈش: 808|ئىنكاس: 14

[تەرجىمە] ئەرەپچە-ئۇيغۇرچە تەرجىمە لۇغىتى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ لۇغەتتىكى خەتلەر بەك كۆپكەن ، مىنىڭچە بىزنىڭ ئىھتىياجىمىزنى قامدىيالىشى مۇمكىن .
سىغىمى بەك كىچىككەن .  مەنبەدىن چۈشۈرۈڭلار .
ۋاقتى: 2012-4-16 11:53:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم ،بەزى ئاددى سۆزلەرنىمۇ تاپالمىدىغۇ؟ ياكى مەن مەشغۇلاتنى خاتا قىلدىممۇ بىلمىدىم. «مەن» ،«كەل» دىگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىمۇ تاپالمىدى. چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز. رەھمەت!

--------------
ئەلادىن بىرسى كەتتى!
ۋاقتى: 2012-4-16 13:07:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقتى: 2012-4-16 13:56:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 13:07
http://yaltapan.com/show.asp?id=261

تېمىدىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈدىغان جاينى تاپالمىغانتىم. رەھمەت سىزگە.
ۋاقتى: 2012-4-16 16:06:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tawlan12 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 13:56
تېمىدىكى ئادرىستىن چۈشۈرۈدىغان جاينى تاپالمىغانتىم.  ...

ھېلىمۇ ياخشى ‹چۈشۈرۈش› دەپ يىزىپ قويغان، بولمىسا قانداق قىلاتتۇق؟
بوپتۇ، مانا مىشەدىن چۈشۆسىڭىزغۇ بولا؟
ۋاقتى: 2012-4-16 18:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 13:07
http://yaltapan.com/show.asp?id=261

سىزدىن بىرقانچە مەسىلىنى سورىغۇم كەلدى.
1. ئەرەب تىلى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنى ھازىرلىشىمىز كېرەك.
2.سىز تەۋسىيە قىلغان مەزكۇر لوغەتنى چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم شەخسەن قارىشىم:
بۇنىڭغا ئەرەبچە سۆزلۈكنى كىرگۈزگەندىن كېيىن بىزگە تىپىپ بېرىدىكەن.مەسىلەن مەن ئۇيغۇرچىدىن ئەرەبچىگە ئۆرىمەكچى بولسام قانداق قىلىمەن؟چۈشۈرگەندىن كېيىن،پىرىستىن يىشىپلا ئىجرا قىلسا بولىدىكەن،مەن ئۇيغۇرچە دىگەننى تاللاپ ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى كىرگۈزسەم تاپالمىدى.ئەرەبچىنى بىردىلا تاپتى.مەن قايسى مەشغۇلاتنى خاتا قىلدىمكىن بىلەلمىدىم.
3. ئەرەب تىلى ئۆگۈنۈشنىڭ بىرەر ئەپچىل ئۇسۇللىرى بارمۇ ،بولسا تەلىم بەرگەن بولسىڭىز.

قىسقىسى دېتال بولىدىكەن، ھەم ئاۋازلىقكەن،بۇ يېرى ماڭا ياقتى. رەھمەت !
ۋاقتى: 2012-4-16 19:04:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرچە ئەرەبچە سۆزلۈك تېخى توردا تارقىتىلمىدى،شۇنى تارقاتسا،چۈشۈرۈپ قوشسىڭىز تېپىپ بېرىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yasin417 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 19:04  

ۋاقتى: 2012-4-16 19:52:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 16:06
ھېلىمۇ ياخشى ‹چۈشۈرۈش› دەپ يىزىپ قويغان، بولمىسا قان ...


شۇنداقمۇ؟ مەن يازغان خەتنى چۈشەنمەپسىز.

مانا ماۋۇ شۇ يەردە كۆرۈنگەن خەتلەر

بىكەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلان چىكىپ قۇيۇڭ
ئەرەبچە ئۇيغۇرچە لۇغەت        : دېتال نامې       
        ئۇيغۇر لىنىيە تورى        : يوللانغان ئورنى
2048        : ئاۋاتلىق
2011-4-21        : يوللانغان ۋاقتى
ھەقسىز        : ھەقلىقمۇ
ھەئە        : تەۋىسىيەمۇ
  بېكەت باشقۇرغۇچى        : يوللىغۇچى
لۇغەت 22000دىن ئارتۇق سۆزلۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قاچىلاش ھاجەتسىز.        : چۈشەندۈرلىشى


مەن «تېمىدىكى ئادرىستىن چۈشمىدى، سىز تەمىنلىگەن ئادرىستىن چۈشىدىكەن دېمەكچى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawlan12 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 19:54  

ۋاقتى: 2012-4-16 20:03:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tawlan12 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 19:52
شۇنداقمۇ؟ مەن يازغان خەتنى چۈشەنمەپسىز.

مانا ماۋۇ شۇ ...

مەن باشتا يوللاپ بەرگەن بەتنى ئىچىپ ئوبدان قاراڭ، سىز قايسى بەتنى ئىچىۋالدىڭىزكىن بىلمىدىم، ئەمما يېڭى ئېرا يۇمشاق دېتال تەتقىقات مەركىزىنىڭ تورى بۈگۈنگىچە ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن ئېلان چەكتۈرۈپ باقمىدى.............

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
توغرا دەيسىز مەن ئۇ توبەتنى نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەن بىرتالمۇ ئلانى يوق  ۋاقتى: 2012-4-16 20:48
ۋاقتى: 2012-4-16 20:08:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 20:03
مەن باشتا يوللاپ بەرگەن بەتنى ئىچىپ ئوبدان قاراڭ، سىز ...

جېنىڭ قېرىندىشىم، ئىنكاسىمنى چۈشەنمەپسىز، تولۇق بىر ئوقۇڭ.
مەن تېمىدىكى ئادرىستىن چۈشۈرەلمىگەن دەۋاتىمەن.
ۋاقتى: 2012-4-16 20:14:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ablkim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 18:22
سىزدىن بىرقانچە مەسىلىنى سورىغۇم كەلدى.
1. ئەرەب تىلى  ...


مەزكۈر لۇغەت توغۇرلۇق تەپسىلى ئۇچۇرلارنى يىپىدىن-يىڭنىسىغىچە بىلەي دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ئىگە تەرەپنىڭ بېتىنى زىيارەت قىلىپ سۆز قالدۇرۇڭ، ياكى بولمايدۇ شۇ لۇغەتتىكى چىققان قوقو نومۇرى بىلەن مۇڭدىشىڭ، ۋە ياكى بولمايدۇ مۇشۇ سەينادىكى yasin417  نىڭ پىشىنى چىڭ تۇتۇڭ!!!

ئەرەپ تىلى ئۈگىنىش ئۈچۈن قانداق شەرىتلەرنى ھازىرلاش مەسىلىسىگە كەلسەك بۇ سەل تومتاق سۇئال بوپ قالدى...........

ئۆزىمىزگە باغلىق، ئەمدى مىنىڭ بىلدىغانلىرىمدىن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە ئۇسۇللار بار
1-ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش:
بۇنىڭدا ماتېريالنى تىپىپ ئۆزىمىز ۋاقىت چىقىرىپ ئۆيدە ئۈگىنىمىز، بۇنىڭغا بەلنى مەھكەم باغلىيالىساقلا بولىدۇ

2-ئۇستام تۇتۇپ ئۈگۈنۈش:
بۇنىڭدا بىرەرسنى ئۆزىمىزگە ئۇستام تۇتۇپ بىلمىگەننى سوراپ ئۈگىنىمىز، لىكىن گەپ شۇكى ئىش يەنىلا ئۆزىمىزگە باغلىق.....

يۇقارقى ئىككى خىل ئۇسۇلنىڭ ئىككىلىسدە «ئىش ئۆزىمىزگە باغلىق» دىيىشىمنىڭ سەۋەبى :
چۈنكى بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلدا بىزگە تاپشۇرق بېرىپ تەكشۈردىغان، بسىم قىلدىغان ئادەم بولمىغاندىن كىيىن بەلكىم ئۆنىمى مەكتەپتە خەنسوچە ياكى ماتىماتىكا ئۈگەنگەندەك ياخشى بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەماللىققا دىپلۇم، ئۇنۋان،پۇلغا يارىمايدۇ................... شۇڭا ئۆزىمىزدە ئۆزلىكىدىن ئۈگىندىغان روھ ، ئىنىق نىشان، قەتتىي جەريان بولىشى كىرەك!

ئەگەر يانچۇقىمىز قالتىس بولسا مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇساقمۇ بولىدۇ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلارنىڭ ئوقۇتۇش ئۇسۇلىمۇ خىلى بەلەن، ئوقۇش پۇلى بەكلا ئەرزان، چاتاق يېرى ئۇلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ.......(ھۆكىمەت شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈرگەنمىش)
پاسپورىت بولسا چەتكە چىقىپ ئوقۇسىڭىزمۇ بولىدۇ.......

جۇڭگودا پەقەت ئالمايدىغان مەكتەپلەرمۇ يوق ئەمەس، بار، مەسىلەن بېيجىڭ، شاڭخەي، جىجىياڭ.............. شۇنداق يەرلەردە تازا بار، تۆت يىل ئوقۇسىڭىز ئەرەپ تىلىنى ژىتالمىغان تەقدىردىمۇ پاچىلايدىغان بولۇپ چىقىسىز......... ئەمما پۇلى زەھەردىن قىممەت!

مەيلى ئۆزلىكىدىن ئۈگۈنۈش بولسۇن ياكى ئۇستام تۇتۇپ ئۈگىنىش بولسۇن بەك دىققەت قىلىش كىرەك، چۈنكى بىزنىڭ ئادەملىرىمىزنىڭ نەزىرىدە ئەرەپ تىلى ئۈگەنگەن ۋە ئۈگەتكەن ئادەملەر خەتەرلىك ئادەملەر ھېساپلىندۇ...........
شىنجاڭ گەنسۇدىن چوڭ چىقىدۇ........ لىكىن گەنسۇنىڭ كىچىككىنە بىر لىنشىيادا بار تۆت-بەش مەكتەپتىن شۇنچە يوغان شىنجاڭدا بىرسىمۇ يوق!

تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا ھۆسىنخەت ئۈگەنگەن، شۇ چاغدا دەپتىرىمىنىڭ تىشىغا ئىسمىمنى سۇلۇس نۇسقىسىدا يىزىپ قويغان، بۇنى كۆرگەن مەكتەپنىڭ چوماقچىلىرى مىنىڭ «سەن ئەرەپچە خەت يىزىپسەن........» دەپ ئالدىغا سىلىۋالغان، (شۇچاغدا ئەرەپ تىلى ئەمەس، قۇلھۇۋەللاھۇ ئەھەت  نى ئاران  كىكەچلەپ ئوقۇيالايدىغان تۇرساق!!!...........) نىمە ئامال؟
ھېلىمۇ ياخشى مەكتەپتىكى 1234 ئوقۇغۇچى ۋە 50دىن ئوشۇق ئوقۇتقۇچى ئىچىدە مىنى تونۇمايدىغانلىرى يوقتى....... ئۇلارمۇ چاپلىشىپلا ۋالدى........
ئاخردا گۈزەلسەنئەت ئوقۇتقۇچۇم «بۇ دىگەن ئۇيغۇرچە خەت، ھۆسىنخەت ئىچىدىكى سۇلۇس نۇسقا...............» دەپ گۇۋاھىلىق بەرگەندىن كىيىن مىنى ئازات قىلىشقان! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 20:24  

باھا سۆز

قوقو نۇمۇرى دىگەن نىمە گەپ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟ قىززىقچىلىق قىلىۋاتامسىز نىمە؟  ۋاقتى: 2012-4-17 12:45
ۋاقتى: 2012-4-16 20:28:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tawlan12 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 20:08
جېنىڭ قېرىندىشىم، ئىنكاسىمنى چۈشەنمەپسىز، تولۇق بىر  ...

ئۇنداقتا بۇگەپكە «باشتا تېما يوللىغان » alm+soft  ئۆزى جاۋاپ بەرسە بولغۇدەك
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-4-16 20:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 20:28
ئۇنداقتا بۇگەپكە «باشتا تېما يوللىغان » alm+soft  ئۆزى جا ...


مانىغۇ ، ئادېرىس دىگەن.
ئىككىنجىسى : http://www.xaydayi.com/soft/down.asp?id=3453 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alm+soft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 20:51  

ۋاقتى: 2012-4-16 22:27:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ibrat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 20:14
مەزكۈر لۇغەت توغۇرلۇق تەپسىلى ئۇچۇرلارنى يىپىدىن-يىڭ ...

قەتئىي نىيەت ۋە تىرىشچانلىق مەندە بار. ئادەتتە ئىشتىن چۈشسەم بىكار بوپ قالىمەن، ئۆگىنىدىغان نەرسىنىڭ جىقلىقىنى ئويلىساملا بىشىم قاتىدۇ. بۇ بىرنەچچە ئىشنىڭ ھەممىسىنى تەڭ قىلغىلى بولمىغان يە ... شۇڭا دەماللىققا قانداق ئۈگىنىش كېرەك، قايسىنى ئاۋۋال ئۈگىنىش كېرەك دىگەن مەسىلىلەر مىنى چىرمىۋالدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۈگەنمەي بولمايدۇ. ئەمدىكى نىيىتىم بولسا ئەرەب تىلىنى بىلىۋىلىش، مەنچە بۇ تىل ئۈمرىمىزنىڭ ئاخىرغىچە ئەسقاتىدىغان تىل شۇڭا بۇنى ئۆزلىكىمدىن ئۈگىنەي دىگەن خىيال بار. توردىن مۇناسىۋەتلىك بەزى ئۈگىنىش ماتىرياللىرىنى چۈشۈرۈپ كۆرىۋاتىمەن. ھازىر ئاددىي جەھەتلەردىن باشلاپ كۆرىۋاتىمەن،شۇڭا لۇغەت بولمىسا بولمايدىغان بىلىندى. مەنىسىنى چۈشەنمەي قارىسىغا ئۈگەنگەندىن مەنىسىنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ ئۈگەنسەم مىنىڭچە ئەستە چىڭ قالىدۇ.شۇڭا سىزدىن تومتاق بولسىمۇ سورىغان سۇئالىم شۇ.
        ئەگەر بەزى سۆزلەر تازا جايىدا ئىشلىتىلمەي قالغان بولسا توغرا چۈشۈنەرسىز. شۇ بىرەرسىدىن مەسىلىھەت سوراش ۋە تەلىم ئىلىشتىن باشقا مەقسەت يوق.
ۋاقتى: 2012-4-16 23:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقەي، سىزدىن توغرا چۈشەنمىگۈدەك بىرەر ئىشنى كۆرمىدۇق!

مىنىڭ ھېس قىلىشىمدا خەنزۇچە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە تىلدا سىز-بىزلەر سۆزلىيەلەيمىز، ئەمما چىڭ يەرگە كەلگەندە گىرامماتىكا دىگەن ئۇقۇم قانچىلىك؟
لىكىن بۇ ئەرەپ تىلىدا گىرامماتىكىنى ياخشى ئۈگەنمەي قۇتۇلالمايسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2014-4-16 18:43 , Processed in 0.320722 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.1 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش